دۆلىتىمىز ياسىغان ئاي ماشىنسى توسالغۇلاردىن سەكرەپ ئۆتەلەيدىكەن

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2013-11-01 17:06:51

ئېلىمىزنىڭ ئايغا قۇنۇش ۋە ئاي يۈزىدە ئۆلچەپ سىزىش ئېلىپ بارالايدىغان ئۇچقۇسى --<<ئاي پەرىسى -3>> ناملىق ئاينى تەكشۈرۈش ماشنىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇيۇپ بېرىلدۇ ، ئېغىرلىقى 140 كىلوگىرام كېلىدىغان بۇ ماشىنا يۆتكىلىش ، قۇرۇلما ۋە ئاپرات ، يول باشلاشنى كونتۇرۇل قىلىش ، ئونۋېرسال ئېلېكتىرون ، توك مەنبەسى ، ئىسسىقلىقنى كونتۇرۇل قىلىش ، ئۇچۇر توپلاش ۋە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ؛ ئۇنىڭ چوققىسىغا يۆلىنىشىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ئانتېننا ، ئىككى تەرىپىگە قۇياش باتارىيسى ئورنىتىلغان ؛ ئۇنىڭدا يەنە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سپېكتوروسكوپ ، توسالغۇلاردىن ھالقىش ئاپراتى ، مىخانىك بىلەك ، لازىرنۇرلۇق رېشاتكا ..... دېگەندەك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بار .

ئاينىڭ كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى 300 گىرادۇستىن ئاشىدۇ ، ئاي ماشىنسىنىڭ بۇ خىل تېمپىراتۇرا ئاستىدا نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ، بۇ ئاي ماشىنسى ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش ، ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلنىپ ، نۆلدىن تۆۋەن 180 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن يۇقۇرى 150 گىرادۇسقىچە بولغان تېمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ ياسالغان ، خىزمەت قىلغان چاغدا ، بۆلۈمچىنىڭ تېمپىراتۇرسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن يۇقۇرى 50 سېلسىيە گىرادۇس ئارلىقىدا كونتۇرۇل قىلىندۇ . ئاي ماشىنسىنىڭ ئالتە چاقى بار ، بۇ چاقلار ئۇنى ئالدىغا ۋە كەينىگە ماڭدۇرالايدۇ . ئۆز جايىدا ئايلاندۇرالايدۇ ، ئۇ يەنە 20 گىرادۇسلۇق داۋانغا چىقالايدۇ ، 20 سانتىمىتىر ئېگىزلىكتىكى توسۇقتىن سەكرەپ ئۆتەلەيدۇ .

مۇتەخەسىس لى بىنجىڭ مۇنداق دېدى :<<ئاي يۈزىنىڭ توپا جەۋىتى بوش ، ئىگىز-پەس ، توسالغۇ كۆپ ، بۇ ئاي ماشىنسى ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە توسالغۇلارنى پەرىق ئېتەلەيدۇ ھەم بۇنىڭغا ئاساسەن ماڭىدىغان يولنى بېكىتىدۇ >>


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有