شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى

مەنبە:

تەھرىر: Nurali

يوللانغان ۋاقتى: 2013-11-20 11:36:21

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-نويابىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئولىمپىك ئالتۇن ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 19-نويابىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-نويابىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئولىمپىك ئالتۇن ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى .

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئوينىغان ئاكتىپ رولىغا ئاپىرىن ئېيتتى . شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەنتەربىيە پەقەت خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى يەنە ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئىناق ، دوستانە ، تىنچ بولغان ئولىمپىك روھى جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى .

سۆھبەتتىن كېيىن ، باخ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شى جىنپىڭغا ئولىمپىك ئالتۇن ئوردېنى بېرىپ ، شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ئولىمپىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن گەۋدىلىك تۆھىپىلىرىنى تەقدىرلىدى . شى جىنپىڭ خەلقئارا كومىتېتىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ، دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有