تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو -ياۋروپا شەھەرلەر كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:

تەھرىر: Nurali

يوللانغان ۋاقتى: 2013-11-21 17:30:02

تەڭرىتاغ تورى بېيجىڭ خەۋىرى : ‹‹ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلىش ›› نى ئاساسىي تېما قىلغان 2013–يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو–ياۋروپا شەھەر كۆرگەزمىسى 20-نويابىر بېيجىڭدا باشلاندى . شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ، غۇلجا شەھىرى ، تۇرپان شەھىرى ، قەشقەر شەھىرى تەكلىپكە بىنائەن ئايرىم–ئايرىم ئاممىۋى مۇلازىمەت سارىيى ، ئەقىلىي شەھەر سارىيى ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق ساراي ۋە ئىنسانىيەت تارىخى سارىيى كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ موشۇ ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇردى .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي كۆرگەزمىگە قاتناشتى ھەمدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال يەرمەنكە ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى .

ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىللىق جۇڭگو–ياۋروپا شەھەر كۆرگەزمىسى ‹‹ جۇڭگو -ياۋروپا شەھەر–بازارلاشتۇرۇش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورتاق خىتابنامىسى ›› نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىككى تەرەپنىڭ شەھەر–بازارلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن . كۆرگەزمىنى دۆلەت تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئېنېرگىيە باش مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، دۆلەت تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى شەھەر ۋە كىچىك شەھەر–بازارلار ئىسلاھات تەرەققىيات مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ۋە جۇڭگو- ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ھەمكارلاشقان . كۆرگەزمىدە ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش، ئەقلىي شەھەر قۇرۇلۇشى، تارىخىي مەدەنىيەت ۋارىسى ۋە ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىدىيە ۋە ئەمەلىيىتى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتىكى تەدبىر ۋە تەجرىبىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆرگەزمىنىڭ يەرمەنكە ئورنى 19 مىڭ كۋادىرات مېتىر بولۇپ، بىر ئۇنىۋېرسال ساراي ۋە توققۇز مەخسۇس ساراي تەسىس قىلىنغان ، ئۇنىۋېرسال ساراي جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىككى يەرمەنكە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، جۇڭگونىڭ شەھەر ، بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نەتىجىلىرى ، ياۋروپانىڭ شەھەر، بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە تەجرىبىلىرى نامايان قىلىنىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ۋە ياۋروپادىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، شەھەرلەر ، كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى كۆرگەزمىگە قاتناشقان .

كۆرگەزمىگە كەلگەن بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى نيۇ جياڭ مۇنداق دېگەن : شىنجاڭ مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتايىن گۈزەل جاي ، لېكىن شەھەر تەرەققىياتى قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنداق تېز ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن . مەسىلەن : تۇرپان قۇياش شەھىرى، غۇلجا ئەقلىي شەھىرى قاتارلىقلار ، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئىدىيەسى شىنجاڭنىڭ شەھەر ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەدبىقلىنىدىكەن ، ئىشىنىمەنكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى چوقۇم زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ، مەنزىرىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات باشقارمىسى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ياۋروپا شەھەرلەر كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش شىنجاڭ شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياۋروپادىكى شەھەرلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشتىكى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئىلغار شەھەرلەرنىڭ پىلانى ، يېشىل تۆۋەن كاربون، ئەقلىي شەھەر قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى نامايان قىلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغۇسى .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有