شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن كۆرۈشتى

مەنبە:

تەھرىر: Nurali

يوللانغان ۋاقتى: 2013-12-20 12:58:40

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-دېكابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئورتاق بايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈستىدە پىكىرلەشتى

شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 19-دېكابىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-دېكابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈستىدە پىكىرلەشتى ھەمدە ئورتاق تىرىشىپ جۇڭگو بىلەن بولىۋىيەنىڭ دوستانە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېسنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو-بولىۋىيە مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ھەمدە بولىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ زۇڭتۇڭ مورالېسنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېيىغان، قۇدرەت تاپقان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشىغا شاھىد بولدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىمالىدىكى زالدا زۇڭتۇڭ مورالېسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۈەن قاتارلىق كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有