جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-14 18:07:23

‹‹خەلق گېزىتى››ئوبزورچىسى

‹‹سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلغىلى بولىدىغان بارلىق ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى بولغان جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش دەل سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ھېسابلىنىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن، ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشتەك شانلىق ھاياتىنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى ھەم پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىنى شەرھلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى كەسكىن مەيدانى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تەنتەنە بىلەن تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزنى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم مىزانغا ئىگە قىلدى.

سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەسىرىدە شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭگوغا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھلىق ئىستىبدات تۈزۈمگە خاتىمە بېرىپ، مۇتلەق مەنىدىكى يېقىنقى زامان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات توسمىسىنى ئېچىۋەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ تېخى تاماملاپ بولالمىغان ئىشلىرىنى تاماملىدى. بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئىشەنچكە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش دەل سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەشتۇر.

جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى پۈتۈن ئۆمرىدە كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، ‹‹جۇڭگونى ئۆزگەرتىشتە جەزمەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدا مېڭىش كېرەك›› دېگەن چوڭقۇر مەنىدىكى قائىدىنى دەلىللەپ بەردى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىدىن، ئامما ئۈچۈن جاھان سوراش، ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈشتەك كەڭ قورساقلىقىدىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش يۈكسەك مىللىي غۇرۇر ۋە مىللىي ئىشەنچنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، كونىلىققا يېپىشىۋالماي، مۇتەئەسسىپلىك قىلماي، ئەجنەبىيلەرگە چوقۇنماي، چەت ئەلگە خۇشامەت قىلماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىمىز؛ باشتىن – ئاخىر جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، خەلققە بولغان ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەيۋەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دەۋر تەرەققىياتى ئېقىمىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى سەھىپىلەرنى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جاسارەتنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹ئۇلۇغۋار ئىشلار ھەققانىي، بۈيۈك بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەگرى – توقاي يوللارنى باسقانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغدۇر››. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئېسىل پەزىلىتى، قەيسەر ۋە ئېگىلمەس – سۇنماس كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆگىنىشتە، ئىدىيەدە ئۇزاققىچە ھارماي – تالماي جاپاغا چىداپ تىرىشىش تەييارلىقى، ئىقتىدار ۋە جاسارەت بولۇشى كېرەك، ھەر قانداق ۋاقىتتا كۈرەش نىشانىمىزنى داقا – دۇمباق چېلىپ، ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن تەسەۋۋۇردا بولماسلىقىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەردىن قورقماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، چوڭ – چوڭ خىرىسقا، چوڭ – چوڭ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشقا، چوڭ – چوڭ توسالغۇلارنى يېڭىشكە، چوڭ – چوڭ زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ھەر قاچان، ھەر زامان تەييار تۇرىدىغانلا بولساق، مۇقەررەركى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.

جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت قۇدرەت تاپسا، مىللەت گۈللەنسە، ھەممەيلەننىڭ كۈنىمۇ ياخشى بولىدۇ. خۇددى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئېيتقاندەك ‹‹<بىرلىككە كېلىش> جۇڭگودىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۈمىدى››. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ھەم پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ۋە پارچىلانماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، توسىۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار، ھەر قانداق كىشى، ھەر قانداق تەشكىلات، ھەر قانداق پارتىيەنىڭ ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەر قانداق بىر بۆلىكىنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

سۈن جۇڭشەن ئەپەندىگە شۇنداق تەسەللى بېرىمىزكى، 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ ئاسايىشلىق مەزگىلنى كۈتۈۋالماقتا، مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئارزۇ قوللىرىمىزدا رېئاللىققا ئايلانماقتا. يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ››، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有