شاڭخەي-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلدى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-30 17:02:36

28-دېكابىر، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى كۈنمىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ،شاڭخەي-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى مەخسۇس لىنيەسىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شۇ كۈنى، شاڭخەي - كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى گۈيياڭ-كۈنمىڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى. بۇ، ئېلىمىزدىكى يەنە بىر شەرق-غەرب يۆنىلىشىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول غول لىنىيەسى بولغان شاڭخەي-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.شاڭخەي-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈر يول تورى پىلانى يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭشى، خۇنەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىقئالتە ئۆلكە، شەھەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايونلار بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، ۋە ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有