جۇڭگو بۇ يىل 30 قېتىمغا يېقىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى قىلىشنى پىلانلىدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 13:38:33

جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

مۇخبىرنىڭ 3-يانۋار جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى دۆلىتىمىز 30 قېتىمغا يېقىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ يىللىق قويۇپ بېرىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

2016-يىلى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتا «ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر» ۋە ئوتتۇرا تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا «ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇر» 2017-يىلى ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ يۈ مۇنداق دېگەن: 2017-يىلى ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق يېڭى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتانى سىنايدىغان ھالقىلىق بىر يىل، ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر ناملىق توشۇغۇچى راكېتا «چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىپ، ئايغا يۇمشاق قونۇش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جاۋياۋ بۇندىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇر» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا جۇڭگونىڭ تۇنجى ئالەم كېمىسى «ئەرش كېمىسى 1-نومۇر» نى ئالەم بوشلۇقىغا كىرگۈزىدۇ، «ئەرش كېمىسى 1-نومۇر» ئەرش ئوردىسى 2-نومۇر ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىتتەرگۈچ تولۇقلاش قاتارلىق تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有