دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 16:12:03

يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2017-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2016-يىلى 31-دېكابىر تېلېگراممىسى.يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو «يەر شارى» تېلېۋىزىيە تورى) ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2017 - يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2016-يىلى پات ئارىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يېڭى يىلنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان مۇشۇنداق ياخشى پەيتتە، مەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن!

2016-يىلى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاجايىپ ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى، «13-بەش يىل» نىڭ بېشىنى ياخشى باشلىۋالدۇق. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى داۋاملىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا مۇھىم قەدەملەرنى بېسىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا مۇھىم بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي گەۋدە رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتۇق.

بىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى كۈچەپ قوغدىدۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ زەربە بېرىش» كۈرىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىق پاك سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلدۇق، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

2016-يىلى «جۇڭگو ئالەم كۆزى» ناملىق تېلېسكوپنى قۇراشتۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق، «ۋۇكۇڭ» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىدا ھەرىكەتلىنىۋاتقىنىغا بىر يىل بولدى، «مۇزى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلدى، « خاسىيەتلىك كېمە −11» ۋە «ئەرش ئوردىسى − 2» ناملىق ئالەم كېمىسى يۇلتۇزلار ئارا پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى جەسۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات پەشتىقىغا چىقتى ... يەنە، ئىسلاھات ئارقىلىق يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، نامرات رايونلاردىكى نۇرغۇن بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش شارائىتى ياخشىلاندى، پۇقرالارنىڭ باشقا جايدا كىملىك بېجىرىشى ئاسانلاشتى، ئۇزاققىچە نوپۇسسىز تۇرۇۋاتقان كىشىلەر نوپۇسقا تىزىملىتالايدىغان بولدى، نۇرغۇن ئاممىنىڭ خۇسۇسىي ئائىلە دوختۇرى بار بولدى، ھەر قايسى ساھەلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرىدۇ.

بىز 2016-يىلى گۈزەل شىخۇ كۆلى بويىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى سۇندۇق، شۇنداقلا دۇنياغا ئۆزگىچە جۇڭگو تەسىرى، جۇڭگو قىياپىتىنى نامايان قىلدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بىز تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە دېڭىز-ئوكياندىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قەتئىي قوغدىدۇق. كىمىكى بۇ مەسىلىدە چاتاق چىقارماقچى بولىدىكەن، جۇڭگو خەلقى ھەرگىز ئۇنىمايدۇ!

بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن جايدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر زىيان سالدى، بىز بۇنىڭدىن قاتتىق ئۆكۈنىمىز. جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسىمىدىكى بىر قانچە يولداش قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، بىز ئۇلارنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز.

2016-يىلى بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، جۇڭگو ئىشچى، دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، بىز جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئەجدادلارنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز.

يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2017-يىلى ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا داۋاملىق كۈچەيمىز. بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرەر كىشىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ! بىر يىلدىن بۇيان يەنە 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ 1-سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلار جاپا چەكتىڭلار، سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم يەنىلا نامرات ئامما، ئۇلار قانداق ئوزۇقلىنىۋاتىدۇ، قانداق ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى يىلنى، چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزەلەمدۇ-يوق؟ مەن يەنە قىسمەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، بۇ مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ھەل قىلىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت نامرات ئاھالە ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ۋە نۇرانە قىلىشى كېرەك.

بىر نىيەتتە بولغۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ. بىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولساقلا، پارتىيەمىز مەڭگۈ خەلق تەرەپتە تۇرسىلا، كۆپچىلىك يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسىلا، بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس ئۇزۇن سەپەرنى جەزمەن ياخشى باسالايمىز.

جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن «دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش» نى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، جۇڭگو خەلقى يالغۇز ئۆزىنىڭلا ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلماستىن، يەنە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭمۇ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە نامراتلىق يەنىلا قىسمەن دۆلەت ۋە رايوننى قاپلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، كېسەللىك ۋە ئاپەتمۇ كۆپلىگەن خەلققە پات - پات ئەجەل چاڭگىلىنى ئۇزىتىۋاتىدۇ. شۇنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەنكى، خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قارىشىنى تۇرغۇزغاندىلا، بىزنىڭ بۇ يەر شارىمىزنى تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ ئاۋات قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن يېڭى يىل قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى كۈتۈۋالايلى!

كۆپچىلىككە رەھمەت.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有