شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 13:25:28

(ماتېرىيال سۈرەت)

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى پۈتۈن كۈن يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەقسىتى، شۇنداقلا تۈپ سىياسىي قائىدىسى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسىي رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە زېھنىنى توپلاپ كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹13 – بەش يىل››نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ياردەملىشىپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەت، بولۇپمۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى بىر تۈركۈم قانۇن – بەلگىلىمىلەر، ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىن ۋە چوڭ – چوڭ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى ئاچىمىز، شۇنداقلا بۇ يىل 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر يىل، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا چارە – تەدبىر كۆرسىتىشى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي نەزەرىيەدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有